خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 'بىر مىليون ئۇچۇر مۇلازىمەت قۇرۇلۇشى' ئىش باشلىغان

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 'شىنجاڭ خەۋەرلىرى' دە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 'بىر مىليون ئۇچۇر مۇلازىمەت قۇرۇلۇشى' دەپ ئاتالغان ئۇچۇرچىلىق قۇرۇلۇشى يېقىندا ئىش باشلىغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 'بىر مىليون ئۇچۇر مۇلازىمەت قۇرۇلۇشى' دەپ ئاتالغان بۇ قۇرۇلۇشنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 15 ۋىلايەت، 97 ناھىيىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈملىرى، مەدەنىيەت ئىدارىلىرى ۋە كۈتۈپخانىلارنى، ئون مىڭلىغان شىركەتلەرنىڭ ئۇچۇر مۇلازىمەتلىرىنى، جۇڭگونىڭ ئىچىدىكى ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8500 ژورنال ۋە 700 دىن ئارتۇق گېزىتنى، ھەتتا دوكتورلۇق، ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن يېزىلىۋاتقان ئىلمىي ماقالىلارنىمۇ، ئىنتېرنېت تور بەتلىرى ئارقىلىق 'خىتاي بىلىملىرى باش ئىسكىلاتى' دەپ ئاتالغان خىتاينىڭ مەركىزى ئۇچۇر سىستېمىسىغا بېقىندۇرۇدىغان قۇرۇلۇش، دەپ تەسۋىرلىگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئالاقىچىسىنىڭ ئالاھىدە ئەسكەرتىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرىدىكى يوچۇقلارنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ چەتئەللەرگىمۇ كېڭەيتىلىدىغانلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن 'جۇڭگونىڭ ئىچىدىكى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8500 جۇرنال ۋە 700 دىن ئارتۇق گېزىت' دەپ ئاتىغان.