خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە بىر قىسىم تور بەتلىرىنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي دائىرىلىرى 5 - فېۋرال ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە بىر قىسىم تور بەتلىرىنىڭ "چەكلىك دائىرىدە" ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. تەڭرىتاغ تورىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاخبارات ئىشخانىسى دەلىللىگەن.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: "خەلقنىڭ ئىنتېرنېتكە بولغان تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، 5 - فېۋرال سائەت 24 تىن باشلاپ، قوللىنىشچانلىقى يۇقىرى، تور ئابونىتلىرى ياخشى كۆرىدىغان شىنجاڭ سىرتىدىكى 27 خىل تور بېتى كەينى -كەينىدىن چەكلىك دائىرىدە ئېچىلىدۇ".

خەۋەردە يەنە، شىنخۇا تورى مۇنازىرە بېتىنىڭمۇ ئېچىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. خەۋەردە بۇ تور بەتلىرىنىڭ "ئاپتونوم رايوننىڭ قەدەممۇ - قەدەم ئېچىش پرىنسىپىغا ئاساسەن" ئېچىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە، بۇ نۆۋەت ئېچىلىدىغان تور بەتلىرىنىڭ تىزىملىكى بېرىلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئاساسەن ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى خەۋەر - ئۇچۇر تورلىرى ئىكەنلىكى مەلۇم.

خىتاي 2009 - يىلىدىكى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى ئۈزۈۋەتكەن ۋە خەلقئارالىق تېلېفون مۇلازىمىتىنى بىكار قىلغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدە ۋەقە يۈز بېرىپ، ئارىدىن يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، خەلقئارالىق تېلېفون ئالاقىسى قىسمەن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئايرىم ھۆكۈمەت ئاخبارات تورىدىن باشقا بارلىق ئىنتېرنېت تاقاق ھالەتنى ساقلاپ كەلمەكتە ئىدى.