تاقىۋېتىلگەن ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلار قوللىنىۋاتقان تور بەتلەر. ھازىر بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، ئۇيغۇرلار رىئال مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلىش، ئۆز - ئارا مۇنازىرىلىشىش ئۈچۈن قوللىنىدىغان ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىنىڭ ھېچقايسى ئېچىلمايدۇ. چەتئەل تور بەتلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلار ئاچالمايدۇ.
بەلكى بۇنىڭ ئەكسىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن نامايىش قىلىش ئەركىنلىكى، نەشرىيات ۋە پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكى ۋە دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكىنى ئۇچۇق ئاشكارا دەپسەندە قىلىپ، 5 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە نامايىشقا چىققان ئۇيغۇرلارنى 'دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزدى' دېگەن جىنايى نام بىلەن ياكى باشقا ھەرخىل تۆھمەت بىلەن داۋاملىق تۇتقۇن قىلىپ، قاماپ، ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى ۋە باشقا ھەرخىل قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ.
سىچۇەندىكى بىر كومپۇتېر مۇتەخەسسىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خەلق قوللىنىدىغان تور بەتلىرىنى تاقىۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتنىڭ ئىنتېرنېت ئورگانلىرى داۋاملىق ئىشلەۋاتىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىنىڭ تور بەتلىرى ئۇچۇق، ئۇلار ئۆزلىرى ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەتئەل تور بەتلىرىنى ئاچالايدۇ. بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھازىر، پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭلا ئۇچۇر ئەركىنلىكى مەۋجۇت.
خەلقئارا مۇخبىرلار تەشكىلاتى باياناتىدا يەنە، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ مىللىي كەمسىتىشىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھازىر، ھەتتا ئۆز تىلىدىكى ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى ئېچىپ كۆرۈش ھوقۇقىدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇلغان رىئال ئەھۋالغا ئاساسەن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىنتېرنېت تورلىرىنى دەرھال ئېچىۋېتىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.