ئولۇڭگۇر دەرياسىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن تاشقىن يۈز بەردى

يېقىندىن بۇيان ئالتاينىڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى ئولۇڭگۇر دەرياسىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن تاشقىن يۈز بەرگەن ئىدى.

خىتاينىڭ 'شىنجاڭ خەۋەر تورى'دا ئاشكارىلىنىشىچە، ئالتاي تاغلىرىدىن ئېقىپ كېلىدىغان بۇ دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى، 4 مىڭ 609 ئۆي، 571 قوتان ۋە 90 مىڭ مو يايلاق تاشقىن ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى، 10 كىلومېتىر تاشيول بۇزۇلغانلىقىنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بورۇلتوقايدىن 5 مىڭ ئادەمنى سىرتقا كۆچۈرۈشكە تەييارلىق كۆرمەكتە.