ياۋروپادىكى بىر ئۇيغۇر زىيالىسىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى نوپۇسىنىڭ بۇ دەرىجىدە قېرىلىشىپ كېتىشى، ئۇيغۇر ئېلىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ نەقەدەر كەسكىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
خىتاي "خەلق" گېزىتىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە 60 ياشتىن ئاشقانلار 2 مىليون 1 يۈز مىڭغا يەتكەن بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر ئېلى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 10 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، 21 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە ئۇيغۇر ئېلىدە نوپۇسنىڭ 3 تەن بىر قىسمى قېرىلىشىپ بولىدىكەن.
خەۋەردە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: "شىنجاڭلىقلار باي بولۇشتىن ئىلگىرى قېرىپ كېتىدۇ. شىنجاڭدا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي دارامەت، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىن تۆۋەن بولۇپلا قالماستىن، خىتاينىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى رايونلاردىنمۇ تۆۋەن."
خەۋەردە، خىتاينىڭ مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلىشىدىكى مۇددىئاسى ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان.
نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يۇقىرىقى ئۇيغۇر زىيالىسىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلاش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئېلىگە يەنە كۆپلەپ ئاتالمىش "ياش ئەمگەك كۈچلىرى"نى يۆتكەش ئىستراتېگىيسىنى نەزەرىيىۋى ئاساس بىلەن تەمىن ئەتكەن بولۇشى مۇمكىن.
