ئۇيغۇر زىيالىيلىرى نورۇز بايرىمىنىڭ مىللىي بايرام سۈپىتىدە ختاي دۆلىتى تەرىپىدىن قانۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلماقتا

ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا بۇ يىل ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي بايرىمى بولغان نورۇز بايرىمى ئۇيغۇر ئېلىدە تۈرلۈك يوسۇندا تەبرىكلىنىۋاتقان بولۇپ، نورۇز بايرىمىدا دىيارىم ئۇيغۇر تور شىركىتى ئۈرۈمچىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە تۈرلۈك ساھە كەسىپلەردە نەتىجىلەر قازانغان داڭدار ئەربابلار، ئالىم، شائىر تىلشۇناسلارنى تەكلىپ قىلىپ نورۇز بەزمىسى شۇنداقلا ئىلمىي مۇھاكىمە سورۇنى ھازىرلانغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.03.24

نورۇز سورۇنىغا ئالىم ۋە تىلشۇناس ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى، ئاتاغلىق جامائەت ئەربابى زىيالىي مىجىت ناسىرى، داڭلىق شائىر بۇغدا ئابدۇللا، ئاتاغلىق خەلق قىزىقچىسى ھېسام قۇربان، شائىر ۋە رېجىسسورى مۇختار بۇغرا شۇنداقلا سەنئەت ۋە سودا ساھەلىرىدىكى بىر قىسىم تونۇلغان ئۇيغۇر ياشلىرى قاتنىشىپ نورۇز بايرىمى ھەققىدە ئەھمىيەتلىك مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزگەن.

ئالىم زىيالىيلار بىردەك قەدىمىي ئەنئەنىگە ئىگە نورۇز بايرىمىنىڭ ئۇيغۇر ئۈچۈن ھەر قانداق بايراملاردىن مۇھىم تۇرىدىغان مىللىي بايرام ئىكەنلىكى، ئامما تەرىپىدىن ئېتراپ قىلىنغان بولسىمۇ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېتراپ قىلىنمىغانلىقى شۇڭا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن نورۇز بايرىمىنى ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى يىل بايرىمى قىلىپ رەسمىي قانۇنلاشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش مۇراجىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇيغۇر داڭلىق ئەربابلىرى تەرىپىدىن تور دۇنياسىدا ئېلان قىلىنغان " نورۇز بايرىمىنى قانۇنلاشتۇرۇش" مۇراجىتى ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئاۋاز بېرىشىگە ئېرىشىۋاتقان بولۇپ بارلىق ئۇيغۇرچە تور بەتلەر ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مەزكۇر چاقىرىقىنى ئالقىشلىغان.

ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت ساھەسىدە تونۇلغان داڭلىق ئارتىستلىرىدىن پاشا ئىشان، تۇرسۇناي ئىبراھىمجان، گۈزەلنۇر قۇربان، ئۆزبەك ناخشىچى شامىل شاكىر قاتارلىق 20 نەپەر ۋەكىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سىياسىي كېڭەشنىڭ 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 - يىغىنىدا ھەر يىلى - 3 ئاينىڭ 21 - كۈنى كېلىدىغان نورۇز بايرىمىنى ئۇيغۇر قاتارلىق ئالتە ئاز سانلىق مىللەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرىمى قىلىپ بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش توغرىسىدا تەكلىپ سۇنغان.
ھالبۇكى خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ نورۇز بايرىمىنى قانۇنلاشتۇرۇش تەكلىبىگە مۇناسىپ جاۋاب بەرمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.