ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن قار ئاپىتىنىڭ زىيىنى بارغانچە ئېغىرلاشماقتا

ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن قار ئاپىتىنىڭ زىيىنى بارغانچە ئېغىرلاشماقتا. بوشۈن تورىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق ئىشلار ئىدارىسى تارقاتقان مەلۇماتلاردىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي رايونلىرىدا يۈز بەرگەن شىۋىرغاندا ئاپەتكە ئۇچرىغان ئادەم سانى 1 مىليون 400 مىڭدىن ئاشقان. ئاپەتتە ئۆلگەن ئادەم سانى 13 كە يەتكەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ نۆۋەتلىك قار ئاپىتىدە ئالتاي ۋىلايىتى تەۋەسىدە 9 ئادەم، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا 4 ئادەم ئۆلگەن. قار ئاپىتىنىڭ تەسىرىدە 1000 دىن ئارتۇق ئادەم ھەر خىل كېسەللەر بىلەن ئاغرىغان. 7100 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلگەن، 20 مىڭ ئېغىزدىن ئارتۇق ئۆي ھەرخىل دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغان.

ئاپەتتە يەنە، 100 مىڭ تۇياقتىن ئارتۇق چارۋا مال ئۆلگەن ۋە 3 مىليون تۇياقتىن ئارتۇق چارۋا يەم - خەشەكسىز قالغان.