ئۇيغۇر ئېلىدە ئانا تىلدا دەرس ئاڭلايدىغان مىللى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى تېز ئازايغان

ئۇيغۇر ئېلىدە ئانا تىلدا دەرس ئاڭلايدىغان ئوتتۇرا - باشلانغۇچ، كەسپى ئوتتۇرا ۋە يەسلىلەردىكى مىللى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى تېز ئازىيىۋاتقان بولۇپ، 2008 ‏ - يىلى 10 ‏ - ئايغا قەدەر ئۆز تىلىدا دەرس ئاڭلايدىغان مىللى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئومۇمى مىللى ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ %75 گە چۈشۈپ قالغان.

خىتاي تىلىدا دەرس ئاڭلايدىغان مىللى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى تېز كۆپىيىپ، ئومۇمى مىللى ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ %25 نى ئىگىلىگەن. "شىنجاڭ گېزىتى" نىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى " قوش تىللىق مائارىپ" رەھبەرلىك ئىشخانىسىنىڭ مەلۇماتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە، 2008 ‏ - يىلى 10 ‏ - ئايغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەسلى، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە كەسپى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان مىللى ئوقۇغۇچىلار ئومۇمى سانىنىڭ 2 مىليون 366 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى"قوش تىلدا" ئوقۇيدىغان مىللى ئوقۇغۇچىلارنىڭ 600 مىڭغا يېتىپ، مىللى ئوقۇغۇچىلار ئومۇمى سانىنىڭ 4.25 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە مىللى ئوقۇغۇچىلارغا خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى 2000 ‏ - يىلى رەسمى يولغا قويۇپ، ئالى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى بىكار قىلغان ۋە ئوتتۇرا ‏ - باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كېڭەيتكەن ئىدى. ھازىر بولسا يەسلىلەرگە كېڭەيتىلگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپ نازارىتى جەنۇبتىكى يەسلىلەردە خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى 2008 ۋە 2009 ‏ - يىلىدىكى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نىشانى قىلىپ بەلگىلىگەن. لېكىن بۇ سىياسەتكە قارشى تۇرغۇچىلار، بۇنىڭ مىللى ئوقۇغۇچىلاردا ئانا تىلى ۋە مەدەنىيەت كىملىك تونۇشىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ياتلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.