ئۇيغۇر رايونىدا 5000 دىن ئارتۇق قوش تىللىق ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنماقچى

يەكشەنبە كۈنى ئۇيغۇر رايونىدىكى 12 ۋىلايەت ۋە ئوبلاستتا قوش تىللىق ئوقۇتقۇچى تاللاش ئىمتىھانى ئېلىپ بېرىلغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىم ئۇيغۇر رايونىدا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا 5 مىڭ109 نەپەر قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىنىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئىمتىھانغا جەمئىي 29 مىڭ 356 ئادەم قاتناشقان. ئەمما، خەۋەردە بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر ياكى خىتايلارنى ئاساس قىلىپ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە يەنە، ئىمتىھانغا قاتناشقانلار قوش تىل سەۋىيىسى بويىچە ئىمتىھان بەرگەننىڭ سىرتىدا، ئۇلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىگە بولغان كۆز قارىشىمۇ سىنالغان. سىياسىي ئېقىم مەسىلىلىرى، سىياسىي قانۇنغا دائىر تېمىلارمۇ ئىمتىھان سوئالىغا كىرگۈزۈلگەن.