كۈزەتچىلەر مەزكۇر پائالىيەتنىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقى ھەددىدىن ئاشقان ۋە بۇ يىللىق "قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى" باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان مەزگىلگە توغرا كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
شىنخۇا تورىدا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر "ئىناقلىق" پائالىيىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ئورۇنلاشتۇرغان.
خەۋەردە، پائالىيەت مەقسىتى ھەققىدە مۇنداق كۆرسىتىلگەن " زور كۈچ بىلەن ئىناق بولغان ساقچى - خەلق مۇناسىۋىتى مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ساقچى، خەلق مۇناسىۋىتى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش."
كانادادىكى بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى مۇنداق دېدى: "ئۇيغۇرلار خىتاي ساقچىلىرىغا ئىشەنمەيدۇ. بۇ خىل ئەھۋال '5 - ئىيۇل ۋەقەسى' دىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيدى. چۈنكى '5 - ئىيۇل ۋەقەسى' ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۇتقۇن قىلىشلاردا، ئۇيغۇر خەلقى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ۋەھشىيلىك بىلەن يۇغۇرۇلغان ماھىيىتىنى ھەقىقىي تونۇپ يەتتى."
بۇ ئۇيغۇر زىيالىيسى يەنە، "مەزكۇر پائالىيەت ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى - خەلق ئارىسىدا ئىناقلىق يوقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ" دېدى.