يەنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر ساھە ئاممىسى، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى ئىدىيە شەكىللەندۈردۈممۇ - يوق، ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى تونۇپ يەتتىممۇ - يوق، ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش سەزگۈرلۈكۈم كۈچلۈكمۇ - ئەمەسمۇ، مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتچىلەرگە يان بېسىش خاھىشىم بارمۇ - يوق دېگەن تەرەپلەردە ئويلىشىپ ئىپادە بىلدۈرگەندىن باشقا، ئۆزىنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش جەھەتتە ئاجىز تەرەپلىرىنى تەكشۈرۈپ ئاشكارىلاش، سىياسىي ئىدىيە جەھەتتە يېتەرسىز تەرەپلەرنى ئېتىراپ قىلىپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ جىددىي تۈزىتىشكە مەجبۇرلانماقتا ئىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، ئىشچى، خىزمەتچىلەرنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى ئۈگىنىشتىن قانچىلىك تەربىيە ئالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ مۇشۇ خىل "تۆتتە ئويلىشىپ، ئىككىدە تەكشۈرۈش" پوزىتسىيىسى ئارقىلىق باھالايدىكەن.