ئۇيغۇر رايونلۇق ج خ ئورگانلىرى بىر قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى توسۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ 16 - سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونلۇق ج خ ئورگىنى يېقىندا، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن، پارتلىتىش ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرنى قولغا ئالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.09.21

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ج خ ئورگانلىرى سىيىتھامۇت ئوبۇل ۋە ياسىن مەخمۇت باشچىلىقىدىكى 6 ئادەمنى قولغا ئالغان ھەمدە بومبا ياساشقا كېرەكلىك كۆپ مىقداردا ماتېرىيال ۋە ئەسۋابلارنى قولغا چۈشۈرگەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە گۇماندارلار، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن، ئاقسۇ شەھەر ئەتراپىدا 3 ئورۇندا بومبا ياساش ئۆيى قۇرۇپ، 20 بومبا ياسىغان.

ئاقسۇدا ئۆتكەن ئاينىڭ 19 - كۈنى، چارلاش خادىملىرىغا بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ۋەقەدىن كېيىن دائىرىلەر ۋەقەگە چېتىشلىق 4 گۇماندارنى قولغا ئالغانلىقىنى، ئىككى گۇماندارنىڭ ۋەقە جەريانىدا ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتاي خەۋەرلىرىدە ئىلگىرى - كېيىن بىر ئاي ئىچىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ئىككى ۋەقە، يۈز بەرگەن ئورۇن، ۋاقىت ۋە خاراكتېر جەھەتتىن بىر - بىرىگە ئاساسەن ئوخشاش. ئەمما گۇماندارلارنىڭ ئىسىملىكى تامامەن پەرقلىق.

خەۋەرلەردە بايان قىلىنىۋاتقان بۇ ئىككى دېلونىڭ ئەسلىدە بىر ۋەقە ياكى ئايرىم - ئايرىم ئىككى ۋەقە ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس. ئېنىق بولۇۋاتقىنى، ئاقسۇدا يۈز بەرگەن خىتاي چارلاش ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ چېتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ۋە ۋەقەنى ئەينى چاغدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇمكىن قەدەر كىچىكلىتىپ كۆرسىتىشكە تىرىشقانلىقىدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.