شىنخۇئا ئاخباراتىدا كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇ نۆۋەت ئېنىقلانغان ئومۇمىي نوپۇس سانى، 4 مىليون 470 مىڭ ئاقما نوپۇس بىلەن بىڭتۇئەن نوپۇسىنى ئوز ئىچىگە ئالمايدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىڭتۇئەننىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنى 2.7 مىليون ئەتراپىدا دەپ ئېلان قىلىپ كەلمەكتە. خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 2009 - يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە سالغان مەبلەغ 605 مىليون يۈئەنگە يەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ۋە يەرلىك پىلانلىق تۇغۇت ئورگانلىرى تەرىپىدىن "ئالاھىدە مۇكاپات"لىنىدىغان چېگرا ۋە نامرات ناھىيىلەردىن يەنە 26 نى كۆپەيتكەن. "ئالاھىدە مۇكاپات" نىڭ قاپلاش نىسبىتى 60 پىرسەنتكە ۋە جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى 3 ۋىلايەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بۇ خىل مۇكاپات بېرىلگەن كىشىلەر 7 مىليون 20 مىڭغا يەتكۈزۈلگەن.
خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، نەتىجىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى "11 - 5 يىللىق پىلان" مەزگىلىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش ۋە مەبلەغ سېلىش ۋەزىپىسىنى ئىككى يىل بۇرۇن تاماملاپ بولغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى 1980 يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى قاتتىق يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ئۆزى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ جەرياندا ئۇيغۇر ئېلىدە 3 مىليون بوۋاق كەم تۇغۇلغان.