چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى: ئۇيغۇر دىيارى دۇنيادىن ئايرىۋېتىلمەكتە

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بۈگۈن دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئېچىلغان ئۇيغۇرچە، خىتايچە ۋە بەزى ئىنگلىزچە تور بەتلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇلار بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا مۇنداق دەيدۇ: نەچچە ئون يىللاردىن بېرى پىكىر ئەركىنلىكى، دىنىي ئەركىنلىكى ۋە ئىقتىسادىي ئەركىنلىكى كەمستىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئەمدى ئىنتېرنېت ئىشلىتىشتىمۇ كەمسىتىلىشكە ئۇچرىماقتا. ئۈرۈمچى ۋەقەسى بولۇپ ئارىدىن 4 ئاي ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ، خىتاي ئۇيغۇر دىيارىنى دۇنيادىن پىنھان تۇتۇشقا تىرىشماقتا. بىز ھەرگىز خىتاينىڭ "ھەممە ئىش نورمالغا قايتتى" دېگەن ئويۇنىغا ئالدانماسلىقىمىز كېرەك. ئۇيغۇرلار ھازىرغىچە ئىنتېرنېتكە چىقالمايدۇ، قىسقا ئۇچۇر يازالمايدۇ ھەتتا تېلېفونمۇ ئۇرالمايدۇ.

دوكلاتتا يەنە، ئاخبارات ئەركىنلىكى تەشكىلاتىنىڭ بايانىغىمۇ يەر بېرىلگەن بولۇپ ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئاقلاش ئۈچۈن "تېروررچىلار ئىنتېرنېت ۋە قىسقا ئۇچۇردىن پايدىلانغان" دەپ كۆرسەتكەن باھانىسىنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. پاكىستان ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئىنتېرنېتنى تېررورچىلار ئىشلىتىۋالىدۇ دەپ توساپ باقتىمۇ؟ ياق. خىتاي دائىرىلىرى بۇ يەردە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى بولۇپمۇ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي يۈزىگە ئائىت كۆپلەپ ئۇچۇرنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەندەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى دوكلاتىدا، دائىرىلەرنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقلىرىنى دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرىدۇ ۋە تور بەتلەرنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشى، بۇ تور بەتلەرنى باشقۇرىدىغانلارنىڭمۇ ئەركىن ھەرىكەت قىلىش ھوقۇقى بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى 100 دەك تور بەت ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، دىيارىم، شەبنەم ۋە ئۇلىنىش قاتارلىق تور بەتلەرمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ئىكەن. تەكشۈرۈش نەتجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم مۇزىكا ۋە كىنو تور بەتلىرى ئېچىلغاننىڭ سىرتىدا 85 پىرسەنتتىن كۆپ تور بېتى تامامەن تاقىۋېتىلگەن ئىكەن.