خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ھەقىقىي ئاپتونومىيە يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ھەققىدە ئېلان قىلغان بۇ تەشۋىقاتى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەم پائالىيەتچىلىرىدە ئىنتايىن جىددىي ئىنكاس قوزغىغان بولۇپ،دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ۋە باشقا خەلقئارالىق ئاخبارات ئورۇنلىرىدا خىتاينىڭ بۇ بايانلىرىغا قارىتا بايانات ئېلان قىلدى.
دىلشات رېشىت مۇنداق دېدى : "خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش ئاپتونومىيە بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنى ئالدىدى، شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنلۇق ھەق - ھوقۇقلىرى، ئىنسان ھەقلىرى، دىنىي ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىپ كەلمەكتە. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن خىتاي يەنە، بۇ ئاپتونومىيىنى بۇرمىلاپ تەشۋىق قىلىپ داۋاملىق تۈردە دۇنيانىڭ كۆزىنى ئالدىماقچى. ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ بۇ سىتاتىستىكىسى راس بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇيغۇر كادىرلار ھۆكۈمەتتە ھەقىقىي ھوقۇق يۈرگۈزەلمەيدۇ، ئۇلار پەقەت شەكىلگە قويۇلغان، ئۇلارنىڭ سىياسەت بەلگىلەشكە ئارىلىشىش ھوقوقىمۇ يوق."
دىلشات رىشىت يەنە، "ئەگەر خىتاي ئۆزى ئېيتقاندەك، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە ۋە باشقا ھەق - ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىۋاتقان بولسا ئاخبارات ئەركىنلىكىنى يولغا قويسۇن، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ھەقىقىي ئەھۋال ئىگىلىشىگە يول قويسۇن، ئۇنداق بولمايدىكەن، خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنىڭ ھەممىسى كۆز بويامچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكى ئاشكارىلىنىدۇ،" دېدى.