ئۇيغۇر ئېلىدە زور كۆلەمدە كەم ئۇچرايدىغان خىمىيىلىك ئېلېمېنتلار قاتلىمى بايقالدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.08.31
2009.08.31
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەت مەزكۇر قاتلامدىن 100 مىڭ توننا نىئوبىي، 10 مىڭ توننا تانتال ۋە كوپ مىقداردا گافنىي قاتارلىق كەم ئۇچرايدىغان مېتال زاپىسى تېپىلغان.
خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، خىتاي گېئولوگىيە ئاكادېمىيىسى كان بايلىقلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شۇ خەيمىڭ، پۈتۈن خىتاي بويىچە بايقالغان نىئوبىي ماددىسىنىڭ 80 مىڭ توننىغا يېتىدىغانلىقى، ئەمما بۇ نۆۋەت ئۇيغۇر ئېلىدە بايقالغان نىئوبىي زاپىسىنىڭ خىتاي بويىچە ئەڭ زور كۆلەملىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە بايقالغان نىئوبىي زاپىسى 130 مىليارد يۈئەن خىتاي پۇلىغا يارايدىكەن.
بۇ نۆۋەت باي ناھىيىسىدىن بايقالغان نىئوبىي قاتلىمى ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدە جۈملىدىن جەنۇبى ئۇيغۇر ئېلىدە بايقالغان ئەڭ يېڭى تەبىئىي بايلىق زاپىسى بولۇپ، ئاقسۇ رايونىدىن ئىلگىرى يەنە تەبىئىي گاز ۋە زور مىقداردا نېفىت زاپىسى بايقالغان ئىدى.
ئۇيغۇر ئېلىدە مىنېرال ماددىلار ۋە دۇنيا دا كەم ئۇچرايدىغان خىمىيىلىك ماددىلار زاپىسى ئىنتايىن مول. ھالبۇكى مەزكۇر بايلىقلاردىن يەرلىكلەرنىڭ ھېچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.