ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە خىتاي ئىشچىلار تىك ئۇچار بىلەن قۇتقۇزۇلدى

10 كۈندىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئارقا - ئارقىدىن كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرمەكتە. خىتاي مەتبۇئاتلىرى، جايلاردا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلماقتا. خەۋەرلەردىن بىرىدە بايان قىلىنىشىچە، كۇچادىكى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىدە تىك ئۇچار ئايروپلانلار ئىشقا سېلىنغان. رادىئومىز مۇخبىرى بۈگۈن كۇچادىن ئەھۋال ئىگىلىگىنىدە، قۇتقۇزۇلغان ئاپەتزادىلەرنىڭ تاش يول قۇرۇلۇشىدا يول ياۋاتقان خىتاي ئىشچىلار ئىكەنلىكى، نۇر بەكرى قاتارلىق رايونلۇق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي ئىشچىلىرىدىن نەق مەيداندا ھال سورىغانلىقى مەلۇم بولدى. ئەمما مۇخبىرىمىز ئاقتۇ ناھىيىسىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئاھالىلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلىگىنىدە، ئۇلار ئاپەت يۈز بەرگەندىن بۇيان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ۋە ياردىمىنى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۈگۈن يەنە مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، كۇچادىكى كەلكۈن ئاپىتىدە، ئۇيغۇر مەدەنىي يادىكارلىقلىرىدىن قۇمتۇرا مىڭئۆيىمۇ زىيان - زەخمەتكە ئۇچرىغان.