خىتاي نېفىت دائىرىلىرى كۇچا ناھىيىسىدىكى تەبىئىي گازلىقتىن 50 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يۆتكەپ كەتكەن

خىتاي نېفىت دائىرىلىرى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا لىنىيىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۇچا ناھىيىسى تەۋەسىدىكى تەبىئىي گازلىقتىن بۇ يىل 27 - مايغىچە 50 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يۆتكەپ كەتكەن.

شىنخۇا تورىدا كۆرسىتىشكە، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا لىنىيىسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى كۇچا ناھىيىسى تەۋەسىدىكى "قارا ئىككىنچى" تەبىئىي گازلىقىغا جايلاشقان.

مەزكۇر تەبىئىي گازلىقتا جەمئىي 16 قۇدۇق ئېچىلغان. گازلىقنىڭ كۈندىلىك تەبىئىي گاز ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارى 26 مىليون كۇب مېتىرغا يەتكەن بولۇپ، بۇ گازلىق، "شەرقنىڭ قازىنى غەربكە يۆتكەش ئاساسىي گاز لىنىيىسى"نى گاز بىلەن تەمىنلەۋاتقان ئاساسلىق گازلىقلارنىڭ بىرى ئىكەن.

"شەرقنىڭ قازىنى غەربكە يۆتكەش ئاساسىي گاز لىنىيىسى" خىتاينىڭ شەرقىي قىسىمدىكى 80 شەھىرىنىڭ 300 مىليون نوپۇسىنى گاز بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

بۇ تەبىئىي گازلار غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۈرى بويىچە ئۆتكەن 6 يىل جەريانىدا يۆتكەپ كېتىلگەن. خىتاي دائىرىلىرى غەربنىڭ گازنى شەرققە يۆتكەش 1 - تۇرۇبا لىنىيىسىنى 2004 - يىلى ئىشقا كىرىشتۈرگەن. 2008 - يىلى ئىككىنچى لىنىيىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن، 3 - لىنىيىسى قۇرۇلۇشى باشلىغان ۋە 4 - لىنىيىسىنى پىلانغا كىرگۈزگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، كۇچا ناھىيىسى تەۋەسىدىكى "قارا ئىككىنچى" گازلىقتا جەمئىي 200 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالغان بولۇپ، بۇ گازلارنى يىلىغا 10 مىليارد كۇب مېتىردىن توشىسا 15 يىلغا يېتىدىكەن.