مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىلىنىڭ بېشىدىن ھازىرغا كەلگۈچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 58 شەھەر، ناھىيىسىدە ھەر خىل دەرىجىدە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن. ئاپەتكە ئۇچرىغان ئادەم 970 مىڭ 600 گە يەتكەن.
خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، بۇلارنىڭ ئىچىدە بۇ يىل 6 - ئاي مەزگىلىدە ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلار سانى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، بۇ جەرياندا 700 مىڭ 600 مو تېرىلغۇ يەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. 30 مىڭ ئېغىز ئۆي ئۆرۈلگەن. بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 1 مىليارد 5مىليون 600 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.
ھالبۇكى، ئۇچۇردا زىيانغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىيىتى ئاشكارىلانمىغان.
بۇ خىل كەلكۈن ئاپىتى 30 - ئىيۇل كۈچا ناھىيىسى تەۋەسىدىمۇ يۇز بەرگەن ئىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قۇتقۇزغۇچىلار ئاپەت رايونىغا بىر كۈن كېچىكىپ كەلگەن.