خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىن ئادەم يۆتكەشنى داۋاملاشتۇرماقتا

خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە "ھەر ئائىلىدىن بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشقان بولۇش" سىياسىتىنى يەنىلا خىتاي ئۆلكىسىگە ئادەم يۆتكەش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى بىر قىسىم يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى رايون ئىچىدىكى ناھىيە - بازارلىرىغا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرغان بولسا، يەنە بىر تۈركۈملىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىگەن.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: "يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى تەرتىپلىك تەشكىللىنىپ، رايون تەۋەسىدىكى ئادەمگە ئېھتىياجلىق ئەمگەك بازارلىرىغا ھەمدە رايونغا ياردەم بېرىشكە بەلگىلەنگەن ئۆلكە شەھەرلەردىكى ئەمگەك بازارلىرىغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ھەر ئائىلىدە كەسىپ بويىچە تەربىيىلەنگەن بىر ئادەم بولۇش ۋە ھەر ئائىلىدىن بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشقان بولۇش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى."

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ ئەمگەك كۈچلىرى ئاساسەن غۇلجا، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاقسۇ، قەشقەر، قىزىلسۇ ۋە خوتەن قاتارلىق رايونلاردىن يۆتكەلگەن.