بېيجىڭغا كەلگەن ئۇيغۇر ئەرزدارلار ئارىسىغا دىنىي چەكلىمىلەر ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇچىلار قوشۇلدى

ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ 18-قۇرۇلتىيى يېپىلغان بىرنەچچە كۈندىن بۇيان يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئەرزدارلار بېيجىڭغا كەلگەن.

بۇ كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىم بېيجىڭغا كەلگەن ئۇيغۇر ئەرزدارلار ئارىسىغا ئىلگىرىكىدەك يەر داۋاسى ۋە ئۆي-زېمىن دەۋاسى قىلىپ كەلگەن ئەرزدارلاردىن باشقا، ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى تۈرلۈك چەكلىمىلەرگە نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ قوشۇلغان.

يېقىندىن بۇيان نورمال دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرى چەكلىمىگە ئۇچراپ، ھەتتا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياغلىق ئارتىشى، ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشىغىمۇ چەكلىمە قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بۇ ئەرزدارلار خىتاي ھۆكۈمىتىدىن «پۇقرالارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىنىش» نى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي چەكلىمىلەر بارغانچە كۈچەيتىلگەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. بولۇپمۇ قەشقەر ۋە خوتەندىكى بىر قىسىم سودا سارايلىرى، بانكا ۋە ھۆكۈمەت ئىدارىلىرىگە چاپلانغان، دىنىي يوسۇندا كىيىنگەن، يۈزىنى ئورىغان ئاياللارنى، ساقال قويغان ئەرلەرنى سودا سارايلىرىغا كىرگۈزمەيدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتى بېجىرىلمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشلار ھەمدە بەزى ناھىيىلەردە تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلىكلەرگە بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى قاتارلىقلاردا بۇ ئائىلىلەردە دىنىي تۈس ئالغان كىيىم كىيگەنلەرنىڭ بولماسلىقى شەرت قىلىنغانلىقى قاتارلىق ئۇقتۇرۇشلار ھەققىدىكى سۈرەتلىك خەۋەرلەر ئاممىۋى تور بېكەتلىرىگە يوللىنىپ، ئۇيغۇرغا قارىتىلغان دىنىي چەكلىمىلەر ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، گېرمانىيە ئاۋازى قاتارلىق غەرب مەتبۇئاتلىرى ۋە تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بېرىلگەندىن كېيىن، بۇ ئەھۋال خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ئىدى.

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كۈرەش كەنجى 13-نويابىر كۈنى«جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر پوچتىسى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي چەكلەش سىياسەتلىرىنى ئاقلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي يوسۇندا كىيىنىشىگە چەك قويۇلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق جايلاردا يولغا قويۇلغان دىنىي يوسۇندا كىيىنگەن، يۈزىنى ئورىغان ئاياللارنى، ساقال قويغان ئەرلەرنى سودا سارايلىرىغا كىرگۈزمەيدىغانلىقى، دېھقانلارغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى مەسىلىسىدە دىنىي ئېتىقاد ئادەتلىرىگە چەكلىمە قويۇلغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلىنغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تىلغا ئالمىغان ئىدى.