يىغىندا ئوقۇلغان دوكلاتتىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ كېڭىيىشى بۇ يىلمۇ جىددىي ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. رايوننىڭ بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىكى ئالاقىدار دوكلاتىدا ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانىنىڭ 33149 نەپەر ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سان جەھەتتە خىتاي بويىچە 5-ئورۇندا، نىسبەت جەھەتتە بولسا 2-ئورۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.
تۈنۈگۈنكى يىغىندا گەرچە بۇ سان ۋە نىسبەت ھەققىدە سانلىق مەلۇمات بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەيدىزنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنقى يىلدىكىگە نىسبەتەن تۆۋەن ئەمەسلىكى ئاشكارا بايان قىلىنغان. يىغىندىكى دوكلاتتا يەنە، ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىدا ئىلگىرىكى يىللاردا زەھەرلىك چېكىملىك ۋاسىتىسى بىرىنچى ئورۇندا بولغان بولسا، بۇ يىل جىنسىي ئالاقە ۋاسىتىسىنىڭ بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز مەسىلىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر جىددىي دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلىدۇر.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر ئەيدىزنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشتە نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن قانۇنىي ۋە تېببىي چارىلەردىن باشقا دىنىي ۋە ئەخلاقىي تەربىيىنىڭمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى دۆلەت بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى مۇھىتىدا ساغلام بولغان دىنىي ۋە ئەخلاقىي تەربىيىنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.