خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنى ئەڭ چوڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بازىسىغا ئايلاندۇرماقتا
خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلاندۇرۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى ھازىر ئاللىقاچان خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت - تەبىئىي گاز، ئازوتلۇق ئوغۇت، كالىيلىق ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلىنىپ بولۇش قەدىمىنى بېسىۋاتقان بولۇپ، 12 - 5 يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نېفىت ۋە خىمىيە سانائىتى ئومۇمىي مەھسۇلاتىنى 560 مىليارد يۈەنگە، خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 330 مىليارد توننىغا، تەبىئىي گاز ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارىنى 45 مىليارد كۇبمېتىرغا يەتكۈزىلىدىكەن. مانا مۇشۇ پىلان ئەمەلگە ئاشۇرۇلسا، ئۇيغۇر ئېلى خىتاي بويىچە ئەڭ چوڭ نېفىت، تەبىئىي گاز، ئازوتلۇق ۋە كالىيلىق ئوغۇت ئىشلەپ چىقىرىش بازىسىغا ئايلىنىدىكەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
نۆۋەتتە، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي گازلىرى ۋە نېفىتلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەشنى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، غەربنىڭ گازىنى شەرققە توشۇش، غەربنىڭ نېفىتىنى شەرققە توشۇش تۇرۇبىلىرى جىددىي ئىشلىمەكتە، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىن كىرگۈزىلىدىغان نېفىت ۋە تەبىئىي گازنىڭ مىقدارىمۇ كۆپەيتىلمەكتە.