خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە، 12 - ئىيۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى تىزىمغا ئېلىنغان كۆچمە نوپۇسنىڭ سانى 1 مىليون 710 مىڭ ئىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي مىللىتىدىن بولغان مۇئاۋىن رەئىسى كۆچمە نوپۇسلارنى يەرلەشتۈرۈش خىزمەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
ئۆتكەن ھەپتىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە 6 مىليون ئىچكىرىدىن كەلگەن كۆچمە نوپۇسنىڭ بارلىقى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ «شىنجاڭدا يەرلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ھەقىقىي شىنجانلىقدەك ھېس قىلىشى» نى قولغا كەلتۈرۈش قارار قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. پەرەزلەرگە تايانغاندا ئەگەرچە مەزكۇر 6 مىليون ئىچكىرىدىن كەلگەن كۆچمە نوپۇس ھازىر بار 8 مىليوندىن ئارتۇق خىتاي نوپۇسى بىلەن بىرلەشسە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي نوپۇسى ئۇيغۇرلاردىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.