گېرمانىيىدە بىر ئۇيغۇر خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن قولغا ئېلىندى

گېرمانىيە ساقچى دائىرىلىرى بىر ئۇيغۇرنى خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ سوتقا تارتتى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 45 ياشلىق ئۇيغۇر جاسۇس ئەر كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ھازىرچە «ر» دەپ تونۇشتۇرۇلغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيە فېۋرال مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىگۈچىلىرى «ر» ئىسىملىك بۇ كىشىنىڭ 2005-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپ، 2009-يىلى نويابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا گېرمانىيىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرى توغرىلىق خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىغا ئۇچۇر يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتقان.

گېرمانىيە ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئويناپ كەلمەكتە. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، «ر» ئىسىملىك بۇ كىشى 2002-يىلى مىيۇنخېنغا كېلىپ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئارىلاشقان ۋە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىش ۋە باشقا پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن.

بۇ شۋېتسىيىدە قولغا ئېلىنغان بابۇر مەخسۇتتىن كېيىن خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن قولغا ئېلىنغان ئىككىنچى ئۇيغۇر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.