پېنومپېن ھۆكۈمىتى 2009-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى بىر ھامىلىدار ئايال ۋە ئۇنىڭ ئىككى بالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 ئۇيغۇر مۇساپىرىنى خىتايغا مەجبۇرىي ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئامېرىكا، ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى كامبودژا دائىرىلىرىدىن ئۆتكۈزۈۋالغان 2 يىلدىن بۇيان، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئېلان قىلىپ باقمىغان ئىدى. ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى مەزكۇر ۋەقەنىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىش، تەن جازاسىغا ئۇچراش ۋە ئۆلتۈرۈلۈش ئېھتىماللىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خىتايغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىپ، بۇ 20 كىشىنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى يەنە كامبودژا 20 ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 2009-يىلى 12-ئايدىن بۇيان، خىتاينىڭ ئىقتىسادى ۋە دىپلوماتىك بېسىمىدىن تەۋرەپ قالغان دۆلەتلەرنىڭ نۇرغۇن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۇلارنى باش پاناھسىز قويغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.