ئۇيغۇر رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى سوت ۋە تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىپە تەقسىماتىدا يەنە ئۇيغۇرلارنى چەتكە قاقتى

ئۇيغۇر رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يېقىندا رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سوت ۋە تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى ۋە مۇھىم خىزمەت نۇقتىلىرىدا تەڭشەش ئېلىپ ببېرىپ، بىر تۈركۈم كونا رەھبەر ۋە ۋەزىپىدارلارنىڭ ئورنىغا يېڭىلىرىنى تەيىنلىگەش رەسمىيىتى ئۆتىگەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن سوت ۋە تەپتىش مەھكىمە باشلىقى، باش سوتچى، تەپتىش سوت كوللىگىيە باشلىقلىرىنىڭ سانى جەمئىي 30 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ پەقەت 9 نەپىرىلا ئۇيغۇرلاردىن بېكىتىلگەن.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن ئاپتونومىيە ھوقۇقىنىڭ ساختىلىقىنىڭ يەنە بىر نۆۋەت يالىڭاچ ھالدا ئاشكارىلىنىشىدۇر. ئاپتونومىيە قانۇنى بويىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇن ئورگانلىرىدا ۋەزپىە ئۆتەش نىسبىتى ئاز دېگەندە نوپۇستىكى نىسبىتىگە تەڭ كېلىشى كېرەك.

رايونلۇق پارتكوم ئۆتكەن ئايدا ھەر دەرىجىلىك پارتكوم سېكرېتارلىرىنى تەڭشەش ئېلىپ بارغان، ئۇنىڭدىمۇ يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن 60 پارتكوم سېكرىتارىنىڭ پەقەت ئىككى نەپىرىلا ئۇيغۇر ئىدى.

يېڭى تەيىنلەنگەنلەر ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ ئاز بولۇشىدىن باشقا، خىتاي كوپارتىيىسىنىڭ تەشكىلات بۆلۈمى تەرىپىدىن تاللانغانلىقى نەزەردە تۇتۇلسا، رايوندىكى قانۇن ئورگانلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىنىڭ ئاساسەن ۋاكالەتسىز قالغانلىقىنى كۆرۈلمەكتە.

خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەزكۇر تەيىننامىسى، قۇرۇلتاينىڭ 29-سىنتەبىردىكى يىغىنىدا تەسىقلانغان.