د ئۇ ق «ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكىنى بەلگىلەشكە دائىر خەلقئارا ئالىي كېڭىشى» نىڭ يىغىن كۈنتەرتىپىنى ئېلان قىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى جۈمە كۈنى «ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكىنى بەلگىلەشكە دائىر خەلقئارا ئالىي كېڭىشى» نىڭ يىغىن كۈنتەرتىپىنى ئېلان قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.04.29

كۈنتەرتىپكە ئاساسەن كېڭەشنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 2‏-ماي كۈنى ئەتىگەندە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ جەنۇبىي بىناسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، لېكىن 8‏-مايغا قەدەر داۋام قىلىدىغان يىغىننىڭ رەسمىي مۇزاكىرىسى ۋاشىنگتوننىڭ غەربىدىكى لىزبۇرگ بازىرى ئەتراپىدىكى بىر مېھمانخانىدا داۋام قىلىدۇ.

ئەگەر يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىدە دۈشەنبىگە قەدەر تاسادىپىي ئۆزگىرىش بولمىسا، يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ رىياسەتچىلىك قىلىدىغانلىقى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن فرانك ۋولف، جىم مىكگوۋېرن، جەيمىس موران، كرىستوفىر سىمىت، دەيۋىد ۋۇ، كېيس ئەللىسېنلارنىڭ تەبرىك سۆزى قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقان سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت ھوقۇقى مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن يىغىندا يەنە، «ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى نىشانىغا مۇناسىۋەتلىك ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەر» نىڭ مۇنازىرىگە قويۇلۇپ، قارار چىقىرىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 20 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن 100 دىن ئارتۇق ۋەكىل قاتنىشىدىغان بۇ يىغىن «ئوخشىمىغان پىكىردىكى كىشىلەرنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۆز ۋەتىنىنىڭ كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك يول خەرىتىسى سىزىپ چىقىش نۇقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.