«ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەسلىدىكى يامالىق تېغىنىڭ «قارلەيلىسى» رايونى دەپ ئاتالغان مەھەللىسىدىكى 1مىڭ 720 ئائىلىلىك ئۇيغۇر 2006-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ «ئۈرۈمچىدىكى 3 تاغنى گۈزەللەشتۈرۈش» پىلانى بويىچە، غەربىي تاغ رايونىدىكى تاغ جىلغىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئەينى چاغدا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇلارغا بۇ رايوندا بالىلار ئۈچۈن مەكتەپ، يول، مەسچىت قاتارلىقلارنى سېلىپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 4 يىلغىچە بۇ ۋەدىسىنى ئورۇنلىمىغان.
غەربىي تاغ رايونىغا كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، تۇرمۇشى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى ئەرزلىرى داۋاملىشىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ يىل 2-ئايدا بۇ يەردىكى ئاھالىلەرگە، غەربىي تاغ جىلغىسى رايونىنىڭ «چېگرا رايون مېھمانخانىسى» غا سېتىلىپ بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان ھەم ئۇلارنى تاغ رايونىدىن 2-قېتىم كۆچۈشكە مەجبۇرلىغان. تاغ رايونىدىكى ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ «ئۇيغۇربىز» تور بېكىتى مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە كۆچۈشكە مەجبۇرلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى بارغانچە كۈچەيمەكتە ئىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىئومىزغا بايانات بېرىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز تۇرالغۇ جايلىرىدىن مەجبۇرى كۆچۈرۈش قىلمىشى رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ زور نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ئوت پىلتىسى بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.