خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ئايدا بېيجىڭدىكى خەلق قۇرۇلتىيى سارىيىدا يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئۈچۈن ئېچىلغان بىر يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى خىزمەت ئورنىدىن بېيجىڭغا كەلگەن بىر نەپەر ئۇيغۇر كومپارتىيە ئەزاسى، پەقەت ئۇيغۇر بولغىنى ئۈچۈنلا، خەلق سارىيىنىڭ ئىشىك باقارى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان. بۇ ئۇيغۇر كادىر ئۆزىنىڭ خىزمەت كىنىشكىسىنى ھەم يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن تەكلىپنامىنى كۆرسىتىپ، ئىشىك باقارنىڭ يولسىزلىقىغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىنلا، ئاندىن يىغىن زالىغا كىرىپ، ئۆزى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرالىغان.
ئەمما، خەلق سارىيىنىڭ بۇ ئىشىك باقارى بۇ كادىرنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان يەنە بىر نەپەر خىتاي كادىرنى ئۆز جايىدىن باشقا جايغا يۆتكىۋېتىپ، ئۆزى بۇ ئۇيغۇر كادىرنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرغان. بۇ ئىشىك باقار يەنە، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىبلىگەن باشقا خىتاي كادىرلىرىغا چۈشەندۈرۈپ، «مېنىڭ بۇ يەردە ئولتۇرۇشۇم، ئۇنى نازارەت قىلىش ئۈچۈندۇر. چۈنكى بىر ئازدىن كېيىن رەئىس خۇ جىنتاۋ يىغىن زالىغا كىرىدۇ. ئەگەر بۇ ئۇيغۇر كادىر خۇ جىنتاۋغا قارشى ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنسا، ئىككى قولۇم بىلەن ئۇنى بېسىۋالىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.
ئۇيغۇر بىز تور بېكىتىدە بۇ خەۋەر ھەققىدە يېزىلغان ئىنكاسلاردا، ھۆكۈمەت ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان كومپارتىيە ئەزاسى سالاھىيىتىگە ئىگە، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدار يولۇققان بۇ خىل مۇئامىلىنىڭ، ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى نەزىرىدە ئىشەنچسىز دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنىڭ جانلىق پاكىتى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئىنكاسلاردا يەنە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە 2-دەرىجىلىك پۇقرا مۇئامىلىسىگە ئۇچراپلا قالماي، بەلكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا تېررورچىلار سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىۋاتقانلىقى ئەيىبلەنگەن.