ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈرچىلىك سانائىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەن، بۇ يىل شېنخۇا كۆمۈرچىلىك گۇرۇھى قاتارلىق خىتاي شىركەتلىرى مەبلەغ سالغان بەزى ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كانلىرىنىڭ ئىشقا كىرىشىدىغانلىقى، بۇ، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ كۆرۈنەرلىك ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقى پەرەز قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دائىرىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 2011-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە 120 مىليون توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 20 % ئاشقان. ئوخشاش مەزگىلدە 20 مىليون توننا كۆمۈر سىرتقا توشۇلغان. ئۇيغۇر ئېلىنى ئەڭ چوڭ كۆمۈر بازىسىغا ئايلاندۇرۇش خىتاينىڭ 12-يىللىق پىلانىدىكى مۇھىم تۈرلەرنىڭ بىرىدۇر.
بىراق، ئۇلار قاتناش-ترانسپورت جەھەتتىكى چەكلىمە ۋە كۆمۈرنىڭ مۇھىتنى بۇلغاش جەھەتتىكى تەسىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە زور كۆلەملىك كۆمۈر ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى قۇرۇش ئارقىلىق ئىچكىرىگە توك يەتكۈزۈشنى، بۇ ئارقىلىق كۆمۈرنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۆزىدە ئىستېمال قىلىشنى پىلانلىغان. بىراق، ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر پىلانى د ئۇ ق نىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.
د ئۇ ق مەزكۇر پىلان خىتاي كۆچمەنلىرىنى رايونغا ئىلگىرىلەپ جەلپ قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپلا قالماي، ئۇنىڭ مۇھىتنى ئېغىر ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.