بەزى ئانالىزچىلار بولسا، بۇ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ ئىشلىرىغا قول تىقىشىنى كۈچەيتكەنلىكىنىڭ بىشارىتى دەپ كۆرسەتمەكتە.
خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل 5 - ئايدا چاقىرىلغان "شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى"نىڭ روھىغا ئاساسەن قۇرۇلغان بۇ ئىشخانا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ماسلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇدىكەن.
مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سېكرىتارى يۈەن گۇيرېننىڭ بىۋاستە رەھبەرلىكىدىكى مەزكۇر ئىشخانىنىڭ قارمىقىدا يەنە "قوش تىللىق مائارىپ" گۇرۇپپىسى، ئوقۇتقۇچىلار قۇرۇلۇش گۇرۇپپىسى قاتارلىق 7 گۇرۇپپا قۇرۇلغان.
خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىدا، شىنجاڭ مائارىپى رەھبەرلىك ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى "قوش تىللىق مائارىپ"نى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭ مائارىپىغا مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇش ۋە مەبلەغنى بىر تۇتاش لايىھىلەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
خىتاي دائىرىلىرى "شىنجاڭ مائارىپى رەھبەرلىك ئىشخانىسى" قۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بىۋاستە رەھبەرلىك قىلىش قارار قىلغان بۇ ۋاقىت، يەرلىك دائىرىلەر ئۇيغۇر يەسلى مائارىپىدىن تارتىپ ئالىي مائارىپقىچە خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، 2020 - يىلغىچە ئۇيغۇر مائارىپ سېپىدە خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇش پىلانىنى ئىجرا قىلىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن.
خىتاينىڭ رادىكال ۋاستىلارنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپ تىلىنى خىتايچىلاشتۇرۇش پىلانى نۇرغۇن ئۇيغۇرلاردا ئەندىشە قوزغاپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.