ئەمما كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ئېلىپ كېلىدىغان ئەمەلىي پايدىسىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا.
تەڭرىتاغ تورى بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئۆتكەن يىل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %12 ئېشىپ، تارىختىكى يېڭى رېكورت يارىتىلغان، شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى %17, دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى بولسا %18 ئاشقان بولۇپ، خەۋەردە يەنە، 2012-يىلى ئىچىدە 19 ئۆلكە يولغا قويغان 1297 مەبلەغ سېلىش تۈرىنىڭ ھەممىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكى، بۇ تۈرلەرگە جەمئىي 11 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئەمما ئۇيغۇر بىز تورى بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىدە، ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنىڭ داۋاملىق ھالدا قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ سانى ۋە سېلىنغان مەبلەغنىڭ مىقدارىنىلا خەۋەر قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ھېچقاچان ئىشنىڭ سۈپىتى ۋە نەتىجىسى ھەققىدە خەۋەر بېرىپ باقمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە بۇنداق تەلۋىلەرچە مەبلەغ سېلىش دولقۇنىنىڭ ئەكسىچە، ئۇيغۇر ئېلىگە ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە مۇھىت جەھەتتىن ئېغىر بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رادىئومىزغا ئەھۋال ئىنكاس قىلغان كىشىلەرمۇ، خىتاي دائىرىلىرى 19 ئۆلكىنى ئۇيغۇر ئېلىگە باشلاپ كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىشىدىن، جەمئىيەتتىكى ئورنىدىن، يەر-زېمىنىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقى، بېيىشنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ نامراتلاشقانلىقىنى ئىنكاس قىلىشقان ئىدى.