ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمىيىتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ قەشقەر قاتارلىق يۇرتلاردىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى چېقىش ھەركىتىنى تەنقىد قىلدى

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قاراشلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى چېقىش ھەرىكىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۇيغۇر ئېلىدە قالايمىقانچىلىققا تۈرتكە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ قەشقەر ۋە پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى ئومۇمى يۈزلۈك چېقىش ھەرىكىتى زور قاراتمىلىققا ۋە ۋە يۇقىرى دەرىجىدە سىياسىيۋىلىققا ئىگە بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى 2009 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىققا تۈرتكە بولغان.

«چەتكە قېقىلىپ ياشاش: خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى چېقىشى» ناملىق مەزكۇر دوكلات جەمئىي 89 بەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى چېقىش ئارقىلىق ئۇنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ قانداق يوقىتىلغانلىقى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئۆيلىرى، ئۇيغۇر دۇكانلىرى، دىنىي قۇرۇلۇشلار، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ قانداق ۋەيران قىلىنغانلىقى ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتتا، ئۇيغۇرلارنى زامانىۋى قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلەشنىڭ مۇھىملىقىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆز مەھەللىلىرىنى قانداق ئۆزگەرتىشنى خالايدىغانلىقى ھەققىدە مەسلىھەت ئېلىپ بارمىغانلىقى تەنقىد قىلىنغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ مەسئۇلى ئالىم سېيىتوف دۈشەنبە دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا ئەسكەرتىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئۆي چېقىش ھەرىكىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە مىراسلىرىنىڭ يوقىتىلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنداقلا بۇ يەنە دۇنيا مەدەنىيىتى ۋە مىراسىنىڭ يوقىتىلىشىدۇر» دېگەن.

مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنىشتىن بىر يىل ئاۋۋال ياۋروپا پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن قەشقەر قەدىمىي شەھەر رەستىلىرىنى چېقىشنى توختىتىشنى، قەشقەرنى ب د ت نىڭ يىپەك يولىدىكى مىراسلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.