ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوقتىلىق ئالىي مەكتەپلەردىن بىرى بولغان شىنجاڭ پىداگوكىكگا ئۇنىۋېرسىتېتى يۇقىرىدىكى ھەرىكەتكە قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەننى تونۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنى تونۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تونۇش، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسيالىزمنى تونۇشتىن ئىبارەت «تۆتنى تونۇش» ئىدىيىسى ئوقۇتۇشىنى ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىدىكى مۇھىم تۈرلەرنىڭ بىرى قىلىپ كىرگۈزگەن.
بۇ ھەرىكەت ھازىر پەقەت ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدىكى بارلىق ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە ھەتتا يەسلىلەرگىچە كەڭ ئومۇملاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئۆگىنىدىغان ۋاقتىدا كۆپىنچە ھاللاردا تۈرلۈك سىياسىي ئۆگىنىش بىلەن مەشغۇل بولىدىغانلىقى مەلۇم. تېخى يېقىندىلا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا دەرس بېرىۋاتقان بىر خىتاي ئوقۇتقۇچىمۇ ئاشكارا ئېلان قىلغان خېتىدە، شىنجاڭ سىنىپلىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن پەرقلىق ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ بىۋاستە باشقۇرۇشى ئاستىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سرت تۈرلۈك سىياسىي ئۆگىنىشلەردىن باش كۆتۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى.
ئۇيغۇر بىز تورى مۇلاھىزىسىدە، ۋەتەننى سۆيۈش ئىدىيىسىنى ئاساس قىلغان مائارىپنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئەڭ ئاكتىپ يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نورمال دەرس ئۆگىنىدىغان ۋاقتىنىڭ كۆپىنى سىياسىي ئۆگىنىشكە سەرپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلى، مىللىي ئۆرپ - ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشنىڭ ئورنىغا كەچكىچە «ۋەتەننى سۆيۈش» نى تەكىتلەش ئەمەلىيەتتە ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرغان.