«يېڭى شەپەق» گېزىتى يازغۇچىسى ئاكىف ئەمرە، ئىسلام دۇنياسىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە جەلپ قىلىش زۆرۈر، دەپ كۆرسەتتى

تۈركىيە «يېڭى شەپەق» گېزىتىنىڭ ئىستون يازغۇچىسى ئاكىف ئەمرە «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 3 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتېگىيە تۈزۈپ چىقىشى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە جەلپ قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئاكىف ئەمرە ماقالىسىدە تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىنى تەھلىل قىلىپ، ئۇنىڭ دۇنياۋى رىقابەتتىكى يۈكسىلىۋاتقان بىر كۈچكە ئايلىنىۋاتقانلىقى، بىراق ئۇ يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بۇ يۈكسىلىشكە توسقۇنلۇق قىلىشىدىن ساقلىنىش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، تۈركىيە بۇرۇن ئۇيغۇرلارنى زەئىپ ئاۋازدا قوللىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ قوللاش ھازىر خىتاينى قايىل قىلىشقا يۈزلەنگەندەك بىر تەسىر بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاكىف ئەمرە يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر داۋاسىغا زېمىن ھازىرلاشنى تەكىتلەيدۇ. بىراق تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە يىتەكچلىك رول ئويناش ئارزۇسى بىلەن ئۇنىڭ كېلەچەككە مۇناسىۋەتلىك ھىساپ-كىتابى ئۆز ئارا توقۇنۇشىدىغانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭ يول خەرىتىسى سىزىلىپ، ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدە ئەمەس، تۈركىيىدە ئېچىلىشى مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق شوئارى ئورنىغا قىسقا ۋە ئورتا مەنزىللىك يول خاتىرىسى سىزىپ چىقىپ، ئالدى بىلەن بېسىمغا خاتىمە بېرىشنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى -ئىجتىمائىي ھال ئەھۋالىنى ياخشىلاشنى تەۋسىيە قىلغان. ئاكىف ئەمرە ئىسلام دۇنياسىنىڭ رولى ھەققىدە توختىلىپ: ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇ مەسىلىگە دىققىتى جەلپ قىلىنماي تۇرۇپ، بىر تەرەپتىن پۇرسەت تېپىلسا سىرتقا كۆچۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي كۆچمەنلەر نوپۇسىنىڭ بېسىمىدا قېلىپ، ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش زور، دەپ كۆرسەتكەن.