تەڭرى تاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، يىغىنغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مەمتىمىن ئەيسا رىياسەتچىلىك قىلغان.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى غەربىي شىمالدىكى ئاساسلىق مۇھاجىرلار يۇرتى دەپ ھېسابلاش بىلەن بىرگە ھازىر چەت 'ئەللەردە ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىپ كەتكەن خىتاي مۇھاجىرلىرى ۋە خىتايلارنىڭ بىر مىليوندىن ئاشىدىغانلىقى، بۇ ساننىڭ 90%تىن ئارتۇقراقىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن.
ئېيتىلىشىچە، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە، ھىندىستان ۋە غەربىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تارقالغان. خەۋەردە يەنە، غەرب دۆلەتلىرىدىن «گېرمانىيە، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا ۋە كانادا قاتارلىق ئەللەردىمۇ شىنجاڭلىق جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار بار» دەپ بايان قىلىنغان.
بىراق، خەۋەردە 90% تىن ئارتۇق ئاز سانلىق مىللەت خىتاي مۇھاجىرىنىڭ قاچاندىن بۇيان چەتئەلدە ياشاۋاتقانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن بولۇپ، بەزى مەنبەلەردە بۇنىڭدىن ئىككى ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا يەرلەشكەن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ھەتتا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 - 60 - يىللىرىدا چىقىپ كەتكەنلەرنىڭمۇ بۈگۈنكى كۈنلەردە خىتاي مۇھاجىرى ھېسابلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئەمما، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاللىقاچان ئۆزلىرىنى ئەشۇ يەرنىڭ پۇقرالىرى ھېسابلاپ بولغانلىقى مەلۇم، بۇ خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەرگە يەرلىشىپ بولغان ئۇيغۇرلارمۇ ئوخشاشلا خىتاي مۇھاجىرى كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈلگەن.