كۆك تاشلىق كىتابتا، شىنجاڭ قاتارلىق چېگرا رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن چەتئەللەرگە چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان مۇھاجىرلار مەسىلىسىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىشنىڭ خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ھەم دۆلەتنىڭ نېگىزلىك مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
ئۇنىڭدا، شىنجاڭ مەسىلىسىگە تارىخى سەۋەبلەر ھەم غەربتىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ مەقسەتلىك ھالدا ئارىلىشىشى سەۋەبلىك رايون ۋەزىيىتىنىڭ بارغانچە مۇرەككەپلىشىپ كەتكەنلىكى، شۇڭا ئۇيغۇر رايونىدىن چەتئەللەرگە چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇھاجىرلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئۇلارنى تۇغۇلغان ۋەتىنىنى ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق چەتئەللەردە دۆلەتنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سىياسىتىنى توغرا تەشۋىق قىلىش شىنجاڭدا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكنى بەرپا قىلىشنىڭ كاپالىتىدۇر، دەپ كۆرسىتىلگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاينىڭ كۆك تاشلىق كىتابىدىكى يۇقىرىدىكى مەزمۇنلارغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنى بۇزۇش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ تېخىمۇ جانلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يولغا قويغان تاكتىكىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى بۇ نۇقتىدا سەگەك بولۇشقا چاقىردى.