دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى: ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشىغا خىتاي ھۆكۈمىتى جاۋابكار

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن رادىئومىز ئارقىلىق بايانات بېرىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابكار بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، رايوندا مۇھىت بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلارغا زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. دىلشات رىشىت دائىرىلەر تەرىپىدىن چىقىرىلغان بۇ ئۇقتۇرۇش ۋە بەلگىلىمىلەر ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:
«خەلقئارادا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇھىت بۇلغىنىشى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرگە قارىتا، دائىرىلەر بۇ خىل ئۇقتۇرۇش-بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلىش يولى بىلەن، بۇ زېمىننىڭ مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشىدىكى مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئەمما بۇ زېمىن مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشىغا ھەقىقىي جاۋابكار بولۇشقا تېگىشلىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى. چۈنكى، 60 يىلدىن بۇيان بۇ زېمىندا ئېلىپ بېرىلغان، ئاتوم يادرو سىنىقى، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، پولات تاۋلاش، دەريا ئېقىنلارنىڭ بوغۇلۇشى، بولۇپمۇ 2010-يىلدىن كېيىن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ يەرلىشىشى بىلەن ۋەيران قىلىنغان يايلاق-ئورمانلار، تېرىلغۇ يەر، بۇلغانغان ھاۋا، پاسكىنا سۇ قاتارلىقلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يەردە يۈرگۈزگەن مۇستەملىكە سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇڭا شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇھىت بۇلغىنىشىغا ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى جاۋابكار بولۇشى كېرەك.»

ئۇيغۇر ئېلى مۇھىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىنىش مەسىلىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادا ئەيىبلىنىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى. بارغانچە ناچارلىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلى مۇھىتى يەنە، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىق ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2010-يىلى ئېچىلغان «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن، خىتاي شىركەتلىرى رايونغا كۆپلەپ يەرلەشكەنلىكى سەۋەبىدىن ئۈرۈمچى، غۇلجا، قەشقەر،سانجى، ئاقسۇ، قۇمۇل قاتارلىق 10 ۋىلايەت، شەھەرلەردە سۇ قىسلىقى ۋە مۇھىت بۇلغىنىشى بارغانچە ئېغىرلاشقان.