شۋېتسارىيە تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلمەكچى بولغان ئۇيغۇر مۇساپىر ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندى

شۋېتسارىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن سىياسىي پاناھلىق تەلىپى رەت قىلىنىپ، خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلمەكچى بولغان ئۇيغۇر مۇساپىرى نىجات ئابدۇرېھىم ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىگە ئەرزى قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-09-24
Share

نىجات ئابدۇرېھىم ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ خادىمى بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدىن 4 يىل بۇرۇن دۇبەي ئارقىلىق ياۋروپاغا قېچىپ چىققان. ئۇ ئالدى بىلەن ئىتالىيىگە كېلىپ، ئۇ يەردىن نورۋېگىيىگە بارغان، ئاندىن يەنە ئىتالىيىگە قايتىپ كەلگەن. ئۇ ئىتالىيىدىن شۋېتسارىيىگە بېرىپ، ئۇ يەردە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئىدى.

شۋېتسارىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئۇنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلىپىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ساقچى دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى ئۇنى مەجبۇرى ئىتالىيىگە يولغا سېلىپ قويماقچى بولغان. لېكىن نىجات ئابدۇرېھىم ئادۋوكاتىنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئايروپىلانغا چىقىشنى رەت قىلىپ، ئىتالىيىگە ئەۋەتىۋېتىلىشتىن قۇتۇلغان ھەم ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان.

نىجات ئابدۇرېھىمنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىدە ئىشلەپ تۇرغان مەزگىلىدە، خىتاي ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئىجرا قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سۇغۇرۇۋېلىپ، ساتقانلىقىغا دائىر ۋەقەلەرگە گۇۋاھچى بولغان.

ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ساقچى ۋە ئەدلىيە دائىرىلىرى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغاندا مەھبۇسنىڭ ئۆلمەيدىغان يېرىگە ئېتىپ، ئۇنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ساق ئېلىشقا تىرىشىدىكەن. ئۇ، ئۆزىنىڭ بۇ خىل ۋەقەلەرگە كۆپ قېتىم گۇۋاھچى بولغانلىقى ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالارنى ساتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەگەر نىجات ئابدۇرېھىمنىڭ سۆزى راست بولسا، ئۇ ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالار ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى پاش قىلغان تۇنجى گۇۋاھچى بولۇپ قالىدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت