نىجات ئابدۇرېھىم ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ خادىمى بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدىن 4 يىل بۇرۇن دۇبەي ئارقىلىق ياۋروپاغا قېچىپ چىققان. ئۇ ئالدى بىلەن ئىتالىيىگە كېلىپ، ئۇ يەردىن نورۋېگىيىگە بارغان، ئاندىن يەنە ئىتالىيىگە قايتىپ كەلگەن. ئۇ ئىتالىيىدىن شۋېتسارىيىگە بېرىپ، ئۇ يەردە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئىدى.
شۋېتسارىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئۇنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلىپىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ساقچى دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى ئۇنى مەجبۇرى ئىتالىيىگە يولغا سېلىپ قويماقچى بولغان. لېكىن نىجات ئابدۇرېھىم ئادۋوكاتىنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئايروپىلانغا چىقىشنى رەت قىلىپ، ئىتالىيىگە ئەۋەتىۋېتىلىشتىن قۇتۇلغان ھەم ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان.
نىجات ئابدۇرېھىمنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىدە ئىشلەپ تۇرغان مەزگىلىدە، خىتاي ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئىجرا قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سۇغۇرۇۋېلىپ، ساتقانلىقىغا دائىر ۋەقەلەرگە گۇۋاھچى بولغان.
ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ساقچى ۋە ئەدلىيە دائىرىلىرى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغاندا مەھبۇسنىڭ ئۆلمەيدىغان يېرىگە ئېتىپ، ئۇنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ساق ئېلىشقا تىرىشىدىكەن. ئۇ، ئۆزىنىڭ بۇ خىل ۋەقەلەرگە كۆپ قېتىم گۇۋاھچى بولغانلىقى ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالارنى ساتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەگەر نىجات ئابدۇرېھىمنىڭ سۆزى راست بولسا، ئۇ ئۈرۈمچىدىكى خىتاي ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالار ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى پاش قىلغان تۇنجى گۇۋاھچى بولۇپ قالىدۇ.