ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە 500 تەبىئىي گاز پونكىتى قۇرىدىكەن

خىتايدىكى نېفىت شىركەتلىرى ئىچكى بازار تەمىناتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلى قاتارلىق رايونلاردا يېڭىدىن تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش پونكىتلىرىنى كۆپەيتىدىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي نېفىت-خىمىيە ھەسسىدارلىق شىركىتىدىكى بىر خادىمنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ خىل گاز يەتكۈزۈش پونكىتلىرى خىتاينىڭ جېجياڭ، گۇيجۇ ۋە چۇڭچىڭ قاتارلىق ئۆلكە شەھەرلىرىدە قۇرۇلىدىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىگە قۇرىدىغان پونكىت سانى ئالاھىدە كۆپ ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي نېفىت خىمىيە ھەسسىدارلىق شىركىتى خىتاي تەبىئىي گاز بازىرىنىڭ 70 پىرسەنتىنى كونترول قىلىدىغان بولۇپ، مەزكۇر شىركەت كەلگۈسى 4 يىل جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە 500 تەبىئىي گاز پونكىتى قۇرىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتكەن يىلى 5-ئايدا، دۆلەت ئىچىدىكى ئېنېرگىيە ئېھتىياجى قامداش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىن نېفىت ئېلىش قەدىمنى تېزلىتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.