ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە خىمىيە سانائىتىگە مەبلەغ سېلىش 'شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى'دىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە خىمىيە سانائىتىگە مەبلەغ سېلىش خىتاي دائىرىلىرى بۇ نۆۋەتلىك "شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى" دا ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا بۇ، ئۇيغۇر ئېلى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە "جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ھالقىلىق ساھە" دەپ كۆرسىتىلگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، يىغىندا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى ھالقىما تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنى تۈزۈپ چىققان.

پىلاندا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە كۆمۈر قاتارلىق ساھەلەرگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدىكەن، تەبىئىي گاز ۋە نېفىت ساھەسىگە مىقدار بويىچە ئەمەس بەلكى باھا بويىچە باج قويۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە كۆمۈردىن سۇيۇق يېقىلغۇ چىقىرىش قۇرۇلۇشىغىمۇ مەبلەغ سېلىپ، بۇ ساھەنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت-تەبىئىي گاز ساھەسى پۈتۈنلەي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىگىدارلىقىدا ۋە بۇ ساھەلەردىكى خىزمەتچىلەر ئاساسەن خىتاي مىللىتىدىن بولغاچقا، مەزكۇر ساھەلەرنى قانچە تەرەققىي قىلدۇرغان بىلەن، يەرلىك خەلققە پايدىسى بولمايدىكەن.