ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇسى ئۆتكەن بىر يىلدا 1.1 پىرسەنت كۆپەيگەن

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمى نوپۇسى ئۆتكەن بىر يىلدا 1.1 پىرسەنت كۆپىيىپ، 22 مىليون 87 مىڭ 100 گە يەتكەن.

بۇ خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت ستاتىستىكىلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نوپۇسى ھەققىدە بەرگەن ئەڭ يېڭى مەلۇماتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2010‏-يىلى ئومۇمى يۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمى نوپۇسىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس سانى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نوپۇسىدا ئىگىلەيدىغان نىسبىتىنى ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلمىغان. بۇ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ جىددىي گۇمانىنى قوزغىغان مەسىلە بولۇپ قالغان ئىدى.

بىراق، «ئاسىيا كىندىكى» تورىنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 15‏-فېۋرال ئېلان قىلغان نوپۇس ئۇقتۇرۇشىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ تارقاتقان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ خاس نوپۇس سانى تىلغا ئېلىنمىغان. پەقەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئومۇمى نوپۇسى 2011‏-يىلنىڭ ئاخىرلىرى 22 مىليون 87 مىڭدىن ئېشىپ، ئالدىنقى يىلقىدىن 1.1 پىرسەنت كۆپەيگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

لېكىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تەتقىقاتچىسى تۇرغۇنجان نوپۇس مەسىلىسىدە ھۆكۈمەتنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ «زېمىنى كەڭ بايلىقى مول» بولسىمۇ، بىراق ئادەم ياشاشقا بولىدىغان يەر زېمىن كۆپ ئەمەسلىكى، شەھەر تەرەققىيات مودېلى ۋە يەرنىڭ ئادەم سىغدۇرۇشچانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلى نوپۇسىنىڭ شەھەر-بازارلىشىش نىسبىتى 5.43 پىرسەنتكە يەتكەن. كۆزەتكۈچىلەر، شەھەر نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.