خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلى ئومۇمى نوپۇسىغا دائىر ستاتىستىكىسى گۇمان قوزغىدى

خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان نوپۇس ستاتىستىكىسى ئۇيغۇر تور مۇنبەرلىرىدە مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلىنىپ، گۇمان قوزغىدى.

خىتاينىڭ نوپۇس ستاتىستىكىسىدا ئۇيغۇر ئىلى ئومۇمى نوپۇسىنىڭ يېقىنقى 10 يىلدا 3 مىليون 353 مىڭ كۆپىيىپ، 21 مىليون 813 مىڭدىن ئاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

خىتاينىڭ ستاتىستىكىسىدىن رايوندىكى ئۇيغۇر ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمى نوپۇسىنىڭ يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى ھەر يىلى 300 مىڭ ئەتراپىدا كۆپەيگەنلىكى مەلۇم.

خىتاينىڭ ستاتىستىكىسىدا رايوندىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ يېقىنقى 10 يىلدا 77.16 پىرسەنت ،لېكىن يەرلىك مىللەتلەر نوپۇسىنىڭ 12.19 پىرسەنت كۆپەيگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ھالبۇكى بۇ مەلۇمات ئۇيغۇر تور مۇنبەرلىرىدە مۇنازىرە قوزغاپ، گەرچە دائىرىلەر گەنسۇ قاتارلىق رايونلاردىن بىر تۈركۈم خىتاي كۆچمەنلىرىنى تەشكىللىك ھالدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئورۇنلاشتۇرغان، 2009‏-يىلدىن بۇيان نۇرغۇن كۆچمەنلەر ئۇيغۇر ئىلىغا كۆچۈپ كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن يېڭى نوپۇس ستاتىستىكىسىدا بۇ رىئالىقنىڭ ئەكس ئەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق بېشارەت يوقلۇقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

«ئۇيغۇر بىز» تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى پىكىرلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىغا «كۆچمەن يۆتكەش پىلانىنىڭ مەخپىي يولغا قويۇۋاتقان -قويمايۋاتقانلىقى» سورالغان.

خىتاي نوپۇس ستاتىستىكىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە 14 ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكى ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ئومۇمى نوپۇستىكى نىسبىتى بۇ 10 يىلدا 50.6 پىرسەنت ئازىيىپ، 27.14 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالغان.

ياشانغانلارنىڭ نىسبىتى كۆپەيگەن بولۇپ ، ئۇلارنىڭ 2000‏-يىلى ئومۇمى نوپۇستىكى نىسبىتى 67.4 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن بولسا، 2010‏-يىلى 19.6 پىرسەنتكە كۆپەيگەن.