ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان نىسبەتەن زور كۆلەملىك ئاممىۋى قازالارنىڭ يۈز بېرىش قېتىم سانى ۋە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى زور دەرىجىدە كۆپەيگەن

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان نىسبەتەن زور كۆلەملىك ئاممىۋى قازالارنىڭ يۈز بېرىش قېتىم سانى ۋە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن زور دەرىجىدە كۆپەيگەن.

لېكىن يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، دائىرىلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنى بۇ تۈرلۈك ئاممىۋى قازالارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئاگاھلاندۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭغا نېمە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

«شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 23 قېتىم زور كۆلەملىك ئاممىۋى قازا يۈز بېرىپ، يۈز بېرىش قېتىم سانى 2010‏-يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن 42 % كۆپەيگەن. يۇقىرىقى ئاممىۋى قازالاردا 98 ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، ئۆلگەن ئادەم سانى 2010‏-يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن 33% ئارتقان.

يۇقىرىقى ئاممىۋى قازالارنىڭ يۈز بېرىش قېتىم سانىنىڭ % 78 دىن كۆپرەكىنى قاتناش ۋەقەلىرى ئىگىلىگەن. ئۆلگەن ئادەمنىڭ 84% دىن كۆپ قىسمى يۇقىرىقى قاتناش ۋەقەلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى دۈشەنبە كۈنى تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردىن ئاممىۋى خاراكتېرلىك قازالارنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ يىغىندا ئۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەملەر بىر قەدەر كۆپ سەپەر قىلىدىغان بىر پەسىلگە كىرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشنىڭ يەنە كۆپىيىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

لېكىن بەزى ئانالىزچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5‏-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئىلىغا مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىپ، ئىچكىرىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ رايونغا ئېقىپ كىرىشىنى تېزلەتكەنلىكىنى، لېكىن رايوننىڭ قاتناش ۋە ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ئاساسى ئەسلىھەلىرىنىڭ بۇنىڭغا پايلىماي قالغانلىقىنى، نەتىجىدە بۇ رايوندا يۈز بەرگەن ئاممىۋى قازالارنىڭ شىددەتلىك كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا جەنۋەدىكى ب د ت يىغىنىدا ئاشكارىلىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى كەلگۈسى 10 يىلدا ئۇيغۇر ئىلىغا سالىدىغان مەبلەغنى، يېقىنقى 10 يىلدا سالغان مەبلىغىدىن 10 ھەسسە كۆپەيتىدىكەن.