ئويۇن قويۇش ئەترىتى ئامېرىكىدىكى 40 كۈندىن ئارتۇق پائالىيىتى جەريانىدا ئىللىنىويىس، جەنۇبىي داكۇتا، ئوخايۇ، مىچىگان قاتارلىق شتاتلىرىدىكى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ، بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېت ۋە سەنئەت مەركەزلىرىدە ئويۇن قويغان. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، «شىنجاڭ ۋەكىللەر سەنئەت ئۆمىكى» نىڭ ئامېرىكادا ئويۇن قويۇپ، «زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.
بىراق سەنئەت ئەترىتىنىڭ پائالىيىتى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن بولۇپ، د ئۇ ق خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر سەنئەتچىلىرىنى كونترول قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، پائالىيەت جەريانىدا سەنئەتچىلەرنىڭ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقە قىلىشى چەكلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، سەنئەت ئۆمىكىنىڭ زىيارىتى پائالىيەت ئاخىرلىشىپ سەنئەتچىلەر ئۈرۈمچىگە قايتىپ بارغانغىچە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ۋە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلاردىن مەخپىي تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئويۇن بېلىتى بەزى جايلاردا 4 دوللاردىن، يەنە بەزى جايلاردا 6، 7 دوللاردىن سېتىلغان بولۇپ، بەزى ئويۇنلار ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ۋاسكېتبول زالىدا قويۇلغان. خىتاي دائىرىلىرى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن، ئۇيغۇر سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ غەرب ئەللىرىگە چىقىپ ئويۇن قويۇشىغا قارىتىلغان چەكلىمىنى بىر ئاز بوشاشتۇرغان بولسىمۇ، بىراق سەنئەت ئۆمىكىدىكى ئۇيغۇر ئارتىسلارنى كونترول قىلىپ، ئۇلارنىڭ غەرب جەمئىيىتى ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچۇرۇشۇشىغا چەكلىمە قويغان.