ئۇيغۇر ئېلىدىن ئۈچ مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يولغا سېلىندى

خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىن ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئۈچ مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» تۈرى بويىچە تەربىيىلەشكە يولغا سالدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشسىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە تەربىيىلىنىشكە يوللاش دولقۇنى، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلار «ياردەم بېرىش» ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىشكە باشلىغان مەزگىلگە توغرا كەلدى.

خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن كەلگەن 100 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 21-مارت قەشقەرگە كەلگەن بولۇپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت ئۇلارنى ئايرودرومدا ئالاھىدە كۈتۈۋالغان ئىدى.

شىخۇ ئاخباراتنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ نۆۋەت خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى جەمئىي 2 مىڭ 654 نەپەرگە يېتىدىغان بولۇپ، 24- مارت ئۈرۈمچىدە بۇ ئوقۇغۇچىلارنى «ئۇزىتىش مۇراسىمى» ئۆتكۈزۈلگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ ئوقۇغۇچىلار تەربىيىلەش تۇرى بويىچە خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلىدىغان تۇنجى قارار ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، بۇ سان كېلەر يىلغىچە 22 مىڭغا يەتكۈزۈلىدىكەن.

خەۋەردە مەزكۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللەت تەركىبى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن بولسىمۇ، غۇلجىدىن بۇ تۈركۈم ئەۋەتىلىدىغان 200 ئوقۇغۇچىنىڭ ھەممىسى خىتاي بولمىغان ئوقۇغۇچىلار ئىكەن.

سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە ھەر يىلى 70 مىڭ ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرىدىكەن. نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ ئىشسىز يۈرگەن ياشلارنىڭ سانى 60 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن. «ئۇيغۇربىز» تورى بۇلارنىڭ كۆپ قىسىنى خىتاي بولمىغان ياشلار تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.