2000 - يىلى خىتاي ئۆلكىلىرىدە تەسىس قىلىنغان " شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى" خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىكى ناھايىتى مۇھىم دەپ قارىغان مائارىپ تەدبىرى بولۇپ، ئەمما بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپلا قالماي، خەلقئارادىكى مۇتەخەسسىسلەر ئارىسىدا مۇنازىرە قوزغاۋاتقان بىر مەسىلىگە ئايلانغان ئىدى.
ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى، ئۆز ئانا تىلى مائارىپىدا تەربىيىلەشتىن مەھرۇم قالدۇرۇش، بولۇپمۇ ئاتا - ئانىسىدىن، ئۆسۈپ يېتىلگەن مۇھىت ۋە يۇرتىدىن ئايرىپ، خىتاي يۇرتىدا تەربىيىلەش، ئۇيغۇر مائارىپىنى، مەدەنىيىتى، تارىخىنى ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت مەقسەتلىك تەدبىر.
گەرچە خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى، قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش غەرىزىدە، خىتايدا تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن تۇنجى قارار ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 85 پىرسەنتىنىڭ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى يەنىلا ناھايىتى ئاز ھېسابلىنىدىكەن.