ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ خىتاي شەھەرلىرىدە جىنايەت سادىر قىلىشى، نۇر بەكرىنى خاپا قىلغان

خىتاي بىر نەچچە كۈندىن بۇيان كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان «ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭلىق سەرگەردان ئۆسمۈرلەرنى قايتۇرۇپ كېلىش» چاقىرىقىنىڭ قانداقتۇر دائىرىلەر ئوتتۇرىغا قويغان «شىنجاڭلىق ئۆسمۈرلەرنى قوغداش» نىلا مەقسەت قىلمايدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

بىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، نەچچە ئون مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ ھەرىكەت ئەسلىدە خىتاي شەھەرلىرىدىكى «شىنجاڭ ئوبرازى» نى ياخشىلاش مەقسىتىدە يولغا قويۇلغان ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايى قىلمىشلارغا زورلىنىش مەسىلىسى پەقەتلا بىر بىخەتەرلىك مەسىلىسى بولۇپ قالماستىن، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

شىنخۇا ئاخباراتىدا نەقىل قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئۆسمۈر سەرگەردانلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە قايتۇرۇپ كېلىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغان خىتاي مۇئاۋىن جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى جاڭ شىنفېڭ بۇنىڭ «شىنجاڭلىق ئۆسمۈرلەرنى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش» نى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھالبۇكى، بىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالداپ ئەپكىتىلگەن ئۆسمۈرلەر «جىنايەت سادىر قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرگەن» بۇ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر رايونى رەئىسى نۇر بەكرىنى «تولىمۇ خاپا قىلغان».

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىن ئېلىپ كېتىلىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدە جىنايى قىلمىشلارغا زورلانغان ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇر بالىلىرى تەشكىل قىلىدىكەن.

نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى نامراتلىق، ئىشسىزلىق ۋە ھەر خىل سىياسىي بېسىملار ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە «مەنلا ياشىسام بولدى» دەيدىغان ناچار خاھىشلارغا يول ئاچقان. بىر قىسىم ئۆسمۈرلەر شۇ خىل خاھىشلارنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان.

بۇ ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ قارىشىچە، بۇ زەنجىرسىمان مەسىلىلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن تۈگىتىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى پاراۋانلىق ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش ۋە ئۇيغۇرلارغا ئۆز يۇرتىدا ياشاش يولى ھازىرلاش زۆرۈر ئىكەن.